ستولتېنبېرگ ناتو-ياپونيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىياۋى تەھدىتلەرگە ئىشارە قىلىپ، ئىتتىپاق بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشنى چاقىرىق قىلدى.

1940042
ستولتېنبېرگ ناتو-ياپونيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ شەرقىي ئاسىي زىيارىتى رامكىسىدا ياپونىيەگە يېتىپ كەلدى. ئۇ پايتەخت توكيونىڭ شىمالىغا جايلاشقان ياپونىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىرۇما بازىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، 24-فېۋرالدا (2022) باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەممىمىز ئۈچۈن مۇھىم. ئەگەر رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنادا غەلىبە قىلسا، ئۇكرائىنالىقلار ئۈچۈن تىراگېدىيە بولىدۇ. شۇنداقلا دۇنيادىكى مۇستەبىت رەھبەرلەر ئۈچۈنمۇ خەتەرلىك سىگنال بولىدۇ. چۈنكى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىلگەندە مەقسەتنى بىلدۈرىدىغان سىگنال بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دۇنياۋى تەھدىتلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش بىخەتەرلىكىمىزنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ناتو-ياپونىيە ئارىسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش كېرەك. ناتو بىلەن قىممەتلىك شېرىكىمىز ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى شېرىكچىلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ئامالى بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر