پاكىستاندا بىر جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە تۈنۈگۈن (30-يانۋار) پېشىن نامىزى ئەسناسىدا، بىر جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 72 گە يەتتى.

1940068
پاكىستاندا بىر جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىنىڭ شەھەرلىك ساقچى  ئىرادىسى رايونىدا بىر جامەگە پېشىن نامىزى ئەسناسىدا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن باشلانغان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 72 گە يەتكەن بولۇپ، يارىدارلارنى داۋالاش خىزمىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆلكە مىقياسىدا بىر كۈنلۈك «ماتەم» ئېلان قىلغان.

مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى پاكىستان تالىبانلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.

ھۇجۇمنىڭ، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارىنىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان پەيتتە يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىغانىدى.

يېقىندىن بۇيان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىۋاتقان پاكىستان تالىبانلىرى 28 – نويابىر كۈنى (2022) ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بايانات ئېلان  قىلىپ، 10 – ماي كۈنى ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى مۇددىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ھەمدە ئەزالىرىغا، پاكىستان مىقياسىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەنىدى.

پاكىستان «پاكىستان تالىبانلىرى» نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر