گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىرازىلىيەدە رەسمى زىيارەتتە بولماقتا

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋانىڭ رەسمىي مېھمىنى بولدى.

1939961
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىرازىلىيەدە رەسمى زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز پايتەخت بىرازىلىيەدىكى پلانالتو پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا لۇلا دا سىلۋا تەرىپىدىن مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.

بىرازىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لۇلا بىلەن شولزنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقلىقنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش دائىرىسىدە، تىنچلىق، بىخەتەرلىك، ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لۇلا دا سىلۋا مۇزاكىرىدە، 24 – فېۋرالدىن (2022) بۇيان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ئۈستىدە توختىلىپ، تىنچلىق كېلىشىمىگە مۇرەسسەچىلىك قىلىدىغان «دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى» قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇنى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلىنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرازىلىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا  ئۇرۇشىدا بىتەرەپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن لۇلا، بىرازىلىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قورال ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

شولز بۇ ئۇرۇش بىلەن خەلقئارا قانۇن ۋە تەرتىپنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «دېموكراتىك دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز كۈچلۈكنىڭ قانۇنى يۈرگۈزۈلىدىغان ئىشنى توسۇپ قېلىشىمىز كېرەك. مەن بىرازىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بۇ ئۇرۇشقا ناھايىتى ئېنىق پوزىتسىيە تۇتقانلىقىدىن خۇشالمەن» دېدى.

1-يانۋاردا (2023) پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان لۇلانى پېرىزىدېنت سەۋىيەسىدە تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان كىشى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولز بولدى.

لاتىن ئامېرىكا زىيارىتى دائىرىسىدە تۇنجى زىيارىتىنى ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېزدىن باشلىغان شولز، تۈنۈگۈن (30-يانۋار) چىلى پىرېزىدېنتى گابرىئېل بورىچ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر