فىنلاندىيەدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ
فىنلاندىيە ساقچىلىرى ئاممىۋى پائالىيەتلەردە قۇرئان كەرىم قاتارلىق مۇقەددەس كىتابلارنى كۆيدۈرۈشكە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «‹STT› ئاگېنتلىقى» نى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، فىنلاندىيە دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسى مۇقەددەس كىتابلارنى كۆيدۈرۈشنى «جازاغا تارتىلىشقا تېگىشلىك جىنايەت» دەپ قارايدىكەن.
بۇنىڭغا ئاساسەن، مۇقەددەس كىتابلارنى ھاقارەتلەشمۇ ئوخشاش جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، فىنلاندىيە ساقچى ئەمەلدارى ۋېسا پىخاجوكى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەن: «ئەگەر نامايىش ئەسناسىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش پىلانلانغان بولسا، ساقچىلار نامايىشنى تەشكىللىگۈچىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئالدىن خەۋەر قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەگەر نامايىش جەريانىدا ياكى ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان باشقا ئەھۋاللاردا قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈلسە، ساقچىلار دەرھال توسىدۇ.»
فىنلاندىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، فىنلاندىيەنىڭ قانۇنى باشقا سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، «دىن» نى قوغدايدىكەن، بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىكەن.
دانىيەلىك ئەسەبىي ئوڭچىل قاتتىق يۆنىلىش پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى راسمۇس پالۇدان 21 – يانۋار كۈنى (2023) تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنىدى.
ئۇ كۆپ ساندا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەندە، ئۇنىڭ يېنىغا ھېچكىمنىڭ يېقىنلىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانىدى.
پالۇدان 27-يانۋار كۈنىمۇ دانىيەدە جامەنىڭ ئۇدۇلىدا ۋە كوپېنھاگېندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن يۈزلەرچە مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن 1025 مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىندى.