ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

«The Wall Street Journal» گېزىتى ئىراننىڭ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

1939266
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «The Wall Street Journal» گېزىتىنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى ئىران ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىگە تەۋە مۇئەسسىسەسىنىڭ يېنىدىكى ئوق- دورا زاۋۇتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان.

ئىران مەسئۇللىرى بولسا، ئوق- دورا زاۋۇتىنى نىشان قىلغان «ھۇجۇم» نى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىران ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە، زاۋۇتنىڭ ئۆگزىسىگە كىچىك كۆلەمدە زىيان يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئىسپاھان ۋالىيسىمۇ پارتلاشنى جەزملەشتۈرۈپ، ئۆلۈم-يېتىم بولمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان ھۇجۇمغا قارىتا «قورقۇنچاقلارچە» دەپ باھا بېرىپ، «بۇ خىل ھەرىكەتلەر مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ تىنچلىقنى نىشان قىلغان يادرو تەرەققىيات ئىرادىسى ۋە مۇددىئاسىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ» دېدى.

ئىران پارلامېنتىدا ئىسپاھان پارلامېنت ئەزاسى ھۈسەيىن مىرزايى تۈنۈگۈن كەچتە ئىسپاھان شەھىرىنىڭ ئاسمىنىدا كۆرۈلگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ باشچىلىقىدا 2009-يىلدىن 2021-يىلغىچە ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار ھەرىكەتلەردىن كېيىنكى يېڭى ئاشقۇن ئوڭچى بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ھەرىكەت بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭمۇ بۈگۈن (30-يانۋار) ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە-ئىران ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر