ئىراندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3 كە ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 973 كە يەتتى
ئىراننىڭ غەربىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىگە قاراشلىق خوي شەھىرىدە ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن 5.8 بال يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئۈچكە ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 973 كە يەتتى.
1939444

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوي ۋالىيسى زەبىھۇللاھ كازىمى فارس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئۈچكە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى دىرېكتورى مۇجتەبا خالىدى يارىلانغانلار سانىنىڭ 1000غا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتتى.
مۇجتەبا خالىدى: «غەربىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ھازىرغا قەدەر 973 كىشى دوختۇرخانىلارغا كەلدى» دېدى.
يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى 70 يېزىدا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

بۇركىنا فاسو «France 24 » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تارقىتىشىنى توختاتتى
بۇركىنا فاسو فىرانسىيەنىڭ «France 24 » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تارقىتىشىنى ۋاقتىنچە توختاتتى.