ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى شىۋېتسىيە كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى شىۋېتسىيە كونسۇلخانىسى ئالدىدا يىغىلىپ، ئاشقۇن ئوڭچى سىياسەتچى راسمۇس پالۇداننىڭ ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1939392
ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى شىۋېتسىيە كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
new york kuran-i kerim yakilmasi protestosu.jpg
new york kuran-i kerim yakilmasi protestosu1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تۈركلەرمەنخاتتوندىكى شىۋېتسىيە كونسۇلخانىسىغا مەھتەر مارشى (ئوسمانلى بارابانچى ئەسكەر مارشى) ئوقۇپ يۈرۈش قىلدى ۋە باشكونسۇلخانا بىناسىنىڭ ئالدىغا قۇرئان كەرىم بىلەن بىرلىكتە قارا گۈلچەمبىرەك قويدى.

نامايىشچىلار كونسۇلخانا ئالدىدا ناماز ئوقۇپ تەكبىر ئېيتتى. «بىز بارلىق مۇقەددەس كىتابلارنى ھۆرمەتلەيمىز»، «مەدەنىي ھەق - ھوقۇقلار ھەمىشە مەدەنىي ئەمەس»، «نەپرەت نەپرەتنى پەيدا قىلىدۇ»، «قۇرئاننى ياكى ئىنجىلنى كۆيدۈرمە! ئۇلارنى ئوقۇ!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئاچتى.

تۈركلەرگە ۋاكالىتەن تۈركىيە-ئامېرىكا رەھبەرلىك كومىتېتى (TASC) نىڭ تەڭ دەرىجىلىك رەئىسى مەلىھ بەكتاش ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «دۇنيانىڭ مەيلى قەيىرىگە بارسىڭىز، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ خاتا ئىزاھاتى ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ، ئاسان ئىشقا يۈگرەيدىغان ئاڭسىز ۋە ئاتىكاچا كىشىلەرنى كۆرىسىز» دېدى.

مەلىھ بەكتاش دۇنيادىكى كۆپ سانلىقنىڭ ياخشى كىشىلەردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيانى ياخشىلىق بىلەن ياشىغىلى بولىدىغان يەرگە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىمۇ قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىككە قارشى نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.  

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تۈركلەر بولسا، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا سۈكۈت قىلغانلىقىغا ۋە نامۇۋاپىق باھانىلەر كۆرسەتكەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر