سۈرىيەدە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سۈرىيەنىڭ دېيرىززۇر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەلبۇكەمال رايونىدا، كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى نامەلۇم قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار تەرىپىدىن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.

1939424
سۈرىيەدە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەق مەيداندىكى مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەلبۇكەمال ناھىيەسى ئەتراپىدا كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى نامەلۇم قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار تەرىپىدىن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا تەۋە ئەشيا ئوبوروت ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

ئىراقتىن سۈرىيەگە كىرگەن ۋە ئەلبۇكەمال ناھىيەسىنىڭ خەررى يېزىسىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ماشىنا ئەترىتىدە كەم دېگەندە  ئۈستى يېپىق تۆت يۈك ماشىنىسىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمدا قازا قىلغان ياكى يارىلانغانلارنىڭ بار - يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر