سومالى ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابقا ئەجەللىك زەربە بەردى
سومالى ئارمىيەسى تۆۋەنكى شابېل رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابنىڭ باشلىقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 136 ئەزاسىنى بىرتەرەپ قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى (SNTV) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى ئالاھىدە قىسىملىرى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسى بىرلىكتە، تۆۋەنكى شابېل رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابقا قارشى بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.
ھەرىكەتتە موئالىم سالاھەي، سالمان دەرە ۋە موئالىم ھاشى قاتارلىق كاتتىباشلىرىنىمۇ قوشقاندا، جەمئىي 136 نەپەر تەشكىلات ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئەششابابقا قارشى مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە يۈزلىگەن تەشكىلات ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلغان.
سومالى ئارمىيەسى ئەششابابقا قارشى تەخمىنەن ئالتە ئايدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئونلىغان شەھەر، بازار ۋە يېزىلارنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

كېنىيە ۋە سومالىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
كېنىيە ۋە سومالىدا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە 21 ئادەم قازا قىلدى.