پاكىستاندا بىر جامەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئىشتاتىدا بىر جامەگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا، ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1939743
پاكىستاندا بىر جامەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خەيبەر پاختۇنخۋا ئىشتاتى پولىس لاينېس رايونىدىكى جامەدە پېشىن نامىزى ۋاقتىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن.

ھۇجۇمدا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، 28 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 150 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

مەسئۇل دائىرىلەر، 10 يارىدارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاراتقۇلاردىكى ۋىدېئولاردا، جامەنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ پارتلاش سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى كۆرۈلىدۇ.

پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس ئۈستىگە ئالمىدى.

پاكىستان تالىبانى (TTP) يېقىنقى كۈنلەردە ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتمەكتە.

پاكىستان تالىبانى 28-نويابىر (2022) ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق 2022-يىلى 10-ماي ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشكەن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئەزالىرىغا دۆلەت مىقياسىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى بۇيرۇق قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى پاكىستان تالىبانىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئاتايدۇ.

مەركىزىي ئىسلامئابادقا جايلاشقان خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پاكىستاندا ئۆتكەن يىلى (2022) 506 تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۇجۇملاردا 290 خەۋپسىزلىك خادىمى، 311 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

پاكىستاندا 2022-يىلى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى 2021-يىلغا قارىغاندا %15 كۆپەيگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر