زېلېنسكىي: «ئۇكرائىنانىڭ بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئېھتىياجى بار»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن ئەتىگەندە دونېتسىك رايونىغا قاراشلىق كونستانتىنىۋىكا شەھىرىگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 3 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 14 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1939112
زېلېنسكىي: «ئۇكرائىنانىڭ بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئېھتىياجى بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي تېلېگرامما ھېسابىدا ئېلان قىلغان سىنلىق يازمىسىدا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.

زېلېنسكىي پۇقرالار تۇرۇشلۇق ئۆيلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ S-300 باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم ئىمكانىيەتلىرىنى چەكلىك ھالغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قورالغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇكرائىنانىڭ بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئېھتىياجى بار» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر