ئىراننىڭ ھەربىي مۇئەسسىسەسىگە مىكرو ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپىراتى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىندى

ئىراننىڭ ئىسفاھان شەھىرىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەۋە ئوق دورا ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا پارتىلاش يۈز بەردى.

1939117
ئىراننىڭ ھەربىي مۇئەسسىسەسىگە مىكرو ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپىراتى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىسفاھاندىكى بىر ھەربىي مۇئەسسىسەدە چوڭ پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پارتلاشنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەۋە ئوق دورا ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسفاھان ۋالىيسى پارتىلاشنى جەزملەشتۈردى ۋە ئادەم ئۆلۈش ھادىسسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ھەربىي مۇئەسسىسەگە مىكرو ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپىراتى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەۋە ئوق دورا ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسىسەلىرىدىن بىرىگە مىكرو ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپىراتى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىندى. مۇداپىئە تەدبىرلىرى سايىسىدا، ئاپىراتلاردىن بىرسى مۇئەسسىسەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.  قالغان ئىككىسى مۇداپىئە توزىقىغا چۈشۈپ پارتىلىدى» دېيىلدى.

ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكى، ئەمما مۇئەسسىسەنىڭ ئۆگزىسىگە كىچىك تۈردە زىيان يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر