زېلېنىسكى: بەزى شەھەرلەردە رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ دونېتسىك رايونىنىڭ باخامۇت ۋە ۋۇگلېدار شەھەرلىرىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي، كۈندىلىك ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالدى.
ئۇ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ دونېتسىك رايونىنىڭ باخامۇت ۋە ۋۇگلېدار شەھەرلىرىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئالدىقى سەپلەردە، بولۇپمۇ دونېتسىك رايونىنىڭ باخمۇت ۋە ۋۇگلېدارغا يېقىن جايلاردا ۋەزىيەت ئىنتايىن ئېغىر.»
زېلېنسكىي، رۇسىيە ئارمىيەسىنى ئۇكرائىنادىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى «ۋەيران قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «تاجاۋۇزچىلار ھەربىي نۇقتىلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، بۇ نۇقتىلارغا يېقىن يېزا-بازارلار ۋە كەنتلەرنىمۇ قەستەن ۋەيران قىلماقتا.»
ئۇ نۇتىقىدا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخنى تەنتەربىيە ساھەسلىرىدە رۇسىيەگە چەكلىمە قويۇشقا چاقىردى.
زېلېنسكىي، رۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغان قارارنىڭ تېخى چىقىرىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە باخنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە بىتەرەپ پوزىتسىيە تۇتماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئافغانىستاندا كەلكۈن ئاپىتىدە 10 ئادەم قازا قىلدى
ئافغانىستاننىڭ 23 ۋىلايىتىدە ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

ئاشلىق كارىدورىدىن 25 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق توشۇلدى
ئاشلىق كارىدورى ئارقىلىق توشۇلغان ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 25 مىليون توننىدىن ئاشتى.