قارستا «2023 – يىللىق قىشلىق» ھەربىي مانېۋىر داۋاملاشماقتا

قارس شەھىرىدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك «2023 – يىللىق قىشلىق» ھەربىي مانېۋىرى داۋاملاشماقتا.

1939003
قارستا «2023 – يىللىق قىشلىق» ھەربىي مانېۋىر داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 9-كورپۇس قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە باشقۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «2023 – يىللىق قىشلىق» ھەربىي مانېۋىرغا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق 17 دۆلەتنىڭ ھەربىي خادىملىرىمۇ قاتناشماقتا.

قارس شەھىرىدە 1758 ھەربىي خادىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مانېۋىردا، 43 تۈرلۈك ئوخشىمىغان تىپتىكى 651 ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە 23 تۈرلۈك  دىئامېتىرى ئوخشىمايدىغان 865 قورال ئىشلىتىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر