ئامېرىكا M1 ئابرامىس تانكىلىرىنى ئۇكرائىناغا يۆتكەشكە بىر قانچە ئاي ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون «M1-ئابرامس» ناملىق تانكىلارنى ئۇكرائىناغا يۆتكەشكە بىر قانچە ئاي ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1938566
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون مۇئاۋىن باياناتچىسى سابرىنا سىنگ ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ئەۋەتىدىغان «M1-ئابرامس» ناملىق تانكىلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.