پولشا ئۇكرائىناغا 250 تانكا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى

پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىيكى، دۆلىتىنىڭ 24-فېۋرالدىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا 250 تانكا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1938806
پولشا ئۇكرائىناغا 250 تانكا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موراۋىيكى فىرانسىيەنىڭ LCI تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بېرىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئەركىنلىكىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىشنىڭ ياۋروپانىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداش دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، ئۇكرائىنانى كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ئۇنى قوللاپ بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «لېكىن، ئەلۋەتتە بۇ قارارنى پەقەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتولا چىقىرالىشى مۇمكىن» دېدى.

موراۋىيكى، غەربنىڭ ئۇكرائىنانى تېخىمۇ ئىلغار قوراللار بىلەن تەمىنلەپ قوللاش مەسىلىسىدە تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىناغا قورال ياردىمى بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ھازىرغا قەدەر ئۇكرائىناغا 250 تانكا ئەۋەتتۇق، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە يەنە 60 ئىلغار تانكىمىزنى ئەۋەتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا 14 دانە يىلپىز ناملىق تانكىنى يەتكۈزۈپ بېرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر