كرېمىل: ئامېرىكانىڭ ئەيىبلەشلىرى ئاساسسىز

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ئامېرىكانىڭ رۇسىيە بىخەتەرلىك شىركىتى ۋاگنېرنى ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1938835
كرېمىل: ئامېرىكانىڭ ئەيىبلەشلىرى ئاساسسىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ۋاگنېر گۇرۇھىنى «جىنايى ئىشلار تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ۋاگنېر توغرىسىدىكى بۇ خىل باياناتلارنى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ۋاشىنگىتوننىڭ  ئەيىبلەشلىرى ئاساسسىز. بىز ئەزەلدىن ئېنىق تەلەپنى كۆرمىدۇق ۋە ئوقۇمىدۇق. ئۇلار ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە سۆزلەيدۇ، ئەمما ھېچقانداق پاكىت ئاممىغا سۇنۇلمايدۇ. بۇ ۋاشىنگىتوننىڭ باياناتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ» دېدى.

ۋاگنېرنىڭ قۇرغۇچىسى يېۋگېنىي پرىگوجىنمۇ (Yevgeniy Prigojin) ۋاگنېرنى ئىچكى جەھەتتىن تەكشۈرگەنلىكلىرىنى، ئەمما ۋاشىنگتون ئەيىبلىگەن جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھېچنېمە تاپالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

يېۋگېنىي پرىگوجىن ۋاگنېرنىڭ جىنايىتىنى بىلىدىغانلارنىڭ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ۋاگنېر ياكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشى كېرەكلىكىگە ئىشارە قىلىپ: «مۇشۇنداق قىلىپ، ئامېرىكالىق كەسىپداشلىرىمىزنىڭ بىر پىكىرگە كېلىشىگە ياردەم قىلالايمىز» دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋاگنېرنى «جىنايى ئىشلار تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ گۇرۇھ ۋە بۇ گۇرۇھنىڭ قۇرغۇچىسى يېۋگېنىي پرىگوجىنغا چېتىشلىق بەزى كىشى ھەمدە ئورگانلارنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر