كىشىدا: مۇۋاپىق ئەھۋالدا ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلىمەن

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو «مۇۋاپىق شەرت-شارائىتلار شەكىللەنگەن ئەھۋالدا» ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1938637
كىشىدا: مۇۋاپىق ئەھۋالدا ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغان 2022-يىلى 24-فېۋرالدىن تارتىپ G7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا پارلامېنتتا «مۇۋاپىق شەرت-شارائىتلار شەكىللەنگەن ئەھۋالدا» ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ھازىرقى ئەھۋالدا زىيارەت توغرىسىدا قارار قىلىنغان بىر ئىش يوق» دېگەن كىشىدا، ھەر خىل ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ كابېنت مەنبەلىرىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن پىلان قىلىنمايۋاتماقتا ئىكەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر