دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر كاتتىبېشى سومالىدا ئۆلتۈرۈلدى

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىباشلىرىدىن بىلال ئەلسۇدانى بىلەن 10 ئەزاسىنىڭ سومالىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1938625
دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر كاتتىبېشى سومالىدا ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نام-شەرەپلىرىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكالىق ئىككى ئەمەلدار، ئىنتېرنېت تورىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە 2012-يىلى كىرگۈزۈلگەن سۇدانىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تۈنۈگۈن كېچە (26-يانۋار) سومالىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تاغلاردىكى«غارلار» غا قىلىنغان ھەرىكەت توغرىسىدا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەردى.

ئەمەلدارلار، تېررورىست كاتتىبېشى سۇدانىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا چىققان توقۇنۇشلار جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، پۇقرالار ياكى ئەسكەرلەر ئىچىدە ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىگەنلىكىنى، پەقەت بىر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمەلدارلار يەنە، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ بىر قانچە ئاي پىلان قىلىنغانلىقىنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە پىرېزىدېنت بايدىنغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، بايدىننىڭ بولسا، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ھەرىكەتنى تەستىقلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەمەلدارلار، تېررورىست سۇدانىنىڭ تاغ تىزمىلىرىدىكى غارلاردىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئافرىقا قىتئەسى ۋە ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا مىقياسىدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئىقتىساد ھەمدە ئارقا سەپ تەمىناتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەمەلدارلار سۇدانىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى «ئۇزۇن يىللىق تېررورلۇق تارىخى» بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، سومالى ھۆكۈمىتى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ باشقا مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ ھەرىكەت توغرىسىدا ۋاقىپلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر