ئامېرىكا لىۋان ئارمىيەسىگە 72 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغان بولدى
ئامېرىكا لىۋان ئارمىيەسى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا 72 مىليون دوللار نەق پۇل ياردەم قىلىدىغان بولدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ بېيرۇتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دوروتى شېيانىڭ قاتنىشىشى بىلەن لىۋان پايتەختى بېيرۇتتا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كۆزەتچىلىكىدىكى يىغىندا، لىۋان ئارمىيەسى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ياردەم قىلىش مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ لىۋان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ياردەم قىلىشى ھەققىدە باش ئەلچى دوروتى شېيا، لىۋان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى لېيتېنانت گېنېرال جوسېف ئاۋن ۋە لىۋان ئىچكى بىخەتەرلىك قىسملىرى قوماندانى مايور گېنېرال ئىماد ئوسمان بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
باش ئەلچى دوروتى شېيا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى باياناتىدا: «ئامېرىكا پالاتاسى بىخەتەرلىك ياردىمىنىڭ زور بىر قىسمىنى لىۋان دۆلەت بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە لىۋان ئارمىيەسىگە ئايرىشقا قوشۇلدى» دېدى.
ياردەم دائىرىسىدە ھەربىيلەرگە ھەر ئاي مۇئەييەن مىقداردا پۇل بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئامېرىكا باش ئەلچىسى دوروتى شېيا: «بىخەتەرلىك خادىملىرىغا 6 ئاي بويىچە 100 دوللاردىن بولۇپ جەمئىي جەمئىي 72 مىليون دوللار بېرىلىدۇ» دېدى.
لىۋان 2019 - يىلدىن بۇيان ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، لىۋاننىڭ مەركىزىي بانكاسىدىكى تاشقى پېرېۋوت مەسىلىسى ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئېرىپ كېتىشى، دۆلەتتە ئېغىر كىرىزىسلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.