ئەنگلىيە تور بىخەتەرلىك مەركىزى رۇس ۋە ئىران خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

ئەنگلىيە تور بىخەتەرلىك مەركىزى (NCSC)، رۇسىيە بىلەن ئىراننى مەركەز قىلغان خاككېرلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1938305
ئەنگلىيە تور بىخەتەرلىك مەركىزى رۇس ۋە ئىران خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تور بىخەتەرلىك مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ: «مەركىزى رۇسىيەگە جايلاشقان SEABORGIUM بىلەن مەركىزى ئىرانغا جايلاشقان TA453 ئۇچۇر توپلاش پائالىيىتى دائىرىسىدە، ئەنگلىيە تەشكىلاتلىرى، شەخسلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رايونلارغا قاراتقان كىملىك ئۇچۇرى ئوغرىلاش ھۇجۇملىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سالدا داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

ھەر ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇم تىپى ئوخشاش بولسىمۇ، ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر – بىرىدىن مۇستەقىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا: «ھەرىكەتلەر مۇئەييەن شەخس ياكى گۇرۇپپىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان، كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش ھۇجۇملىرىنىڭ تىپىك مىسالى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، خاككېرلار داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەقلىد قىلىپ، ساختا ​​يىغىن ياكى پائالىيەت تەكلىپنامىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئوغرىلايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر