ئەلئەزھەرنىڭ بايقۇت چاقىرىقى شىۋېتسىيەسىنى ساراسىمىگە سالدى
مىسىردىكى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بارلىق مۇسۇلمانلارنى گوللاندىيە ۋە شىۋېتسىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى ساراسىمىگە سالدى.
1938378
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسونم دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى SVT غا بايانات بېرىپ، ئەلئەزھەرنىڭ بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.