شىۋېيتسارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازالىرىنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى

شىۋېيتسارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇكرائىنادىكى ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقى» نى نەزەردە تۇتۇپ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگو پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى.

1938192
شىۋېيتسارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازالىرىنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ: «شىۋېيتسارىيە رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرالدىن (2022) بۇيان ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي ھۇجۇملىرى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا چىقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 9-جازا پىلانىدىكى تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 12-ئاينىڭ 16-كۈنى (2022) ئىجرا قىلىشقا باشلىغان رۇسىيەگە قارشى 9-قېتىملىق جازالاش پىلانى، تەخمىنەن 200 شەخس ۋە ئورگان بىلەن ئۈچ رۇسىيە بانكىسىنى جازا تىزىملىكىگە قوشۇش، قوش ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلات ئېكسپورتىنى چەكلەش ۋە كانچىلىق ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، شىۋېيتسارىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك تاۋارلارنىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسىنى، ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى موتورلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىشنى ھەمدە رۇسىيە كانچىلىق ساھەسىگە يېڭى مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش پىلان قىلىنماقتا ئىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان شىۋېيتسارىيە، ئىقتىسادىي جەھەتتە قوشنىلىرى بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر