ياپونىيەدە چۆكۈپ كەتكەن يۈك پاراخوتىدا 14 نەپەر خىتاي خادىمنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى

ياپونىيەنىڭ ناگاساكى ئۆلكىسى دېڭىز تەۋەلىكىدە 22 خادىمى بولغان بىر يۈك پاراخوتى چۆكۈپ كەتتى.

1937465
ياپونىيەدە چۆكۈپ كەتكەن يۈك پاراخوتىدا 14 نەپەر خىتاي خادىمنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى كيودونىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ بايرىقى ئېسىلغان 6551 توننىلىق «جىنتان» يۈك پاراخوتى ناگاساكى دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن.

دانجو ئاراللىرىنىڭ 110 كىلومىتىر غەربىدە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى 22 نەپەر خادىمدىن تۆت نەپىرىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يۈك پاراخوتىدىكى خادىملاردىن 14 نەپىرىنىڭ خىتاي پۇقراسى، سەككىز نەپىرىنىڭ بىرما پۇقراسى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ياپونىيە دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى قالغان خادىملارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر