ئىران ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار 12 تېررورلۇق ئەترىتىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئىران ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن 12 تېررورلۇق ئەترىتىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1937740
ئىران ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار 12 تېررورلۇق ئەترىتىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىران ئىستىخبارات مىنىستىرى ئىسمائىل خاتىبنىڭ ئىرانغا قارشى سادىر قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىپ: «ئىراندا داۋالغۇش پەيدا قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىق 12 تېررورلۇق ئەترىتى قولغا چۈشۈرۈلدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىستىخبارات مىنىستىرى خاتىب، بۇ ئۇرۇنۇشنىڭ «ئىراننىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ماھسا ئەمىنى نامايىشلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پىلانلانغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

13 – سېنتەبىر كۈنى «ئەخلاق ساقچىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىرشاد چارلاش ئەترىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ھوشىدىن كېتىپ بالنىستقا ئېلىنغان 22 ياشلىق ماھسا ئەمىنىنىڭ 16-سېنتەبىر دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كېتىشى ئىران مىقياسىدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغانىدى.

تېھران ھۆكۈمىتى داۋام قىلىۋاتقان نامايىشلار جەريانىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئىران كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ نامايىشلارنى باستۇرۇشى نەتىجىسىدە 481 نامايىشچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ئىران مىقياسىدا نەچچە ئاي داۋاملاشقان نامايىشلار ئەسناسىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى.

ھازىرغا قەدەر تۆت نامايىشچىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر