ئامېرىكادىن كېيىن گېرمانىيەمۇ ئۇكرائىنانى تانكا بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئۇكرائىناغا «يىلپىز» ناملىق تانكىلارنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1937791
ئامېرىكادىن كېيىن گېرمانىيەمۇ ئۇكرائىنانى تانكا بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولز بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «بۇ قارار بىزنىڭ ئۇكرائىنانى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاش سىياسىتىمىزنىڭ مەھسۇلى. بىز خەلقئارا بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېففېن خېبسترېيىت گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنانى بىرىنچى باسقۇچتا 14 دانە بولۇپ جەمئىي ئىككى باتالىيون «2-يىلپىز» تانكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى گېرمانىيەدە تەربىيەلەش خىزمەتلىرىنىڭ پات يېقىندا باشلىنىدىغانلىقى، گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

باياناتچى، ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى «2-يىلپىز» تانكىلىرىنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتىشىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنىمۇ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇكرائىنانى رۇسىيەگە قارشى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە، گېرمانىيە ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەنىدى. گېرمانىيەدە ياسالغان «2-يىلپىز» ئۇرۇش تانكىسىنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتىش مەسىلىسى كۈچلۈك مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭمۇ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ۋاشىنگتوننىڭ ئۇكرائىنانى«M1 ئابرامس» ناملىق تانكىلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى بايانات بېرىپ: «پىرېزىدېنت بايدىن بۇ ھەپتە (بالدۇر بولغاندا ئەتە) ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى «M1 ئابرامس» تانكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ» دېگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقان ئابرامس تىپلىق تانكىلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ تانكىلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش كۆيۈپ كېتىدۇ. ئەمما، ئۇلار ئىنتايىن قىممەت بولۇپ، چىقىمى ئاساسلىقى ياۋروپالىق باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يەلكىسىگە چۈشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر