ئامېرىكا ئۇكرائىنانى «ئابرامس» تانكىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ۋاشىنگتوننىڭ ئۇكرائىنانى «M1» ئابرامس ناملىق تانكىلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1937457
ئامېرىكا ئۇكرائىنانى «ئابرامس» تانكىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ
polonya abd abrams tank.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى بايانات بېرىپ: «پىرېزىدېنت بايدىن بۇ ھەپتە (بالدۇر بولغاندا ئەتە) ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى «M1» ئابرامس تانكىسى بىلەن  تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ» دېدى.

مەزكۇر ئەمەلدار، ئېلان قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان ياردەم پىلانىنىڭ 30 دىن 50 كىچە تانكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «ئابرامس باتالىيونى» بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدىمى، گېرمانىيەنىڭ ئامېرىكادىن ئىلگىرى ئۇكرائىنانى تانكا بىلەن تەمىنلەشكە قىزغىن قارىمايۋاتقان ۋە گېرمانىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان تانكىلارنىڭ باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۇكرائىناغا بېرىلىشى تېخى ماقۇللانمىغان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر