ئافغانىستاندا سوغۇقتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 150 دىن ئاشتى
ئافغانىستاندا يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن مۇزلاپ ئۆلگەنلەرنىڭ 157 گە چىقتى.
1937813
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا ھاۋا تېمپېراتۇراسى پايتەخت كابۇلدا كچىلىرى 0 دىن تۆۋەن 10 گىرادۇس، بەزى جايلاردا ھەتتا 0 دىن تۆۋەن 30 گىرادۇسقىچە چۈشتى.
تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شافىيۇللاھ راھىمى ئافغانىستاندا 157 كىشىنىڭ مۇزلاپ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، گور، بەدەخشان، پاكتىكا ۋە پاكتىيا ۋىلايەتلىرىدە مۇزلاپ ئۆلگەن كىشىلەر سانىنىڭ كۆپلۈكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ قەھرىتان سوغۇقتا 75 مىڭدىن ئارتۇق كالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنمۇ بىلدۈردى.
ئافغانىستان مېتېرولوگىيە ئىدارىسى بۇ يىلقى (2023) سوغۇق ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ ئۆتكەن يىلىغا (2022) سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە سوغۇق بولغانلىقىنى، ئەڭ زىمىستان قىشنىڭ گور ۋىلايىتىدە كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.