پاكىستان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەشمىرگە «ئالاھىدە ئەلچى» تەيىنلىشىنى تەلەپ قىلدى

پاكىستاننىڭ ئازاد كەشمىر رايونى پىرېزىدېنتى سۇلتان مەھمۇد چاۋدرى جاممۇ كەشمىر مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەشمىرگە «ئالاھىدە ئەلچى» تەيىنلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1937609
پاكىستان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەشمىرگە «ئالاھىدە ئەلچى» تەيىنلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «رادىيو پاكىستان»، ئازاد كەشمىر رايونى پىرېزىدېنتى سۇلتان مەھمۇد چاۋدرىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى «خەلقئارا كەشمىر تىنچلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا، ياۋروپا پارلامېنتى، بېلگىيە كېڭەش پالاتاسى ۋە بېلگىيە پارلامېنتى ئەزالىرىغا خىتاب قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋدرى جاممۇ كەشمىر مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەشمىرگە «ئالاھىدە ئەلچى» تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جاممۇ كەشمىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان چاۋدرى، ھىندىستاننىڭ كەشمىرلىكلەرگە قاراتقان بېسىمىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

چاۋدرى ھىندىستاننىڭ BBC نىڭ باش مىنىستىر نارېندرا مودى توغرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمىنى چەكلىشىنىڭ «مودىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى - بەشىرىسىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى باش مىنىستىر نارېندرا مودى گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان مەزگىلىدە ئاساسلىقى مۇسۇلمانلار بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋەقەلەرنى تېما قىلغان «ھىندىستان: مودى سوئالى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى مەنئى قىلغانىدى.

ئەنگلىيە 1947-يىلى ھىندىستاندىن چېكىنىپ، چىقىدىغان ۋاقىتتا خانلىق تۈزۈمدە باشقۇرۇلۇۋاتقان كەشمىرگە ھىندىستان ياكى پاكىستانغا قوشۇلۇپ كېتىش ئىختىيارلىقى بېرىدۇ، نوپۇسىنىڭ %90 ى مۇسۇلمان بولغان كەشمىر خەلقى 1947-يىلى پاكىستانغا قوشۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن مەيدانىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەينى دەۋردىكى كەشمىر خانى ھىندىستانغا قوشۇلۇپ كېتىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ قارارغا كەشمىر خەلقى قارشى چىقىدۇ، شۇ يىلى پاكىستان بىلەن ھىندىستان كەشمىرگە ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇرۇش قىلىدۇ. 

2019-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ، ئۆلكىنى مەركىزىي ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئىككى ئىتتىپاق رايونغا ئايرىشى، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر