ئىران ياۋروپا ۋە ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىراننىڭ بىر قىسىم شەخس ۋە ئورگانلىرىغا يۈرگۈزگەن جازاسىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
1937147

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسىمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنئانىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ تېھرانغا قاراتقان ئەڭ يېڭى جازالىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.