ئامېرىكادا مۇشۇ 3 ھەپتە ئىچىدىلا  38 قېتىم قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

بۇ قېتىم ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا، يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1936855
ئامېرىكادا مۇشۇ 3 ھەپتە ئىچىدىلا  38 قېتىم قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ خەف مۇنباي (Half Moon Bay) شەھىرىدە، ئىككى ئايرىم رايوندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى.

دەسلەپتە، ھۇجۇمچى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن دېھقانچىلىق مەيدانىغا يېقىن جايدا يەنە ئۈچ كىشىنى ئۆلتۈردى.

ھۇجۇمچىنىڭ 67 ياشلىق جاۋ چۈنلى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

ھۇجۇمچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدە تۇتۇلدى ۋە ھۇجۇمدا ئىشلەتكەن قورالمۇ ئاپتوموبىلدىن تېپىلدى.

ساقچىلار ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ مەزكۇر دېھقانچىلىق مەيدانى ئىشچىسى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادا مۇشۇنىڭ بىلەن يېڭى يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ھەپتىسىدىلا 38 قېتىم قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن بولدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر