ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيەگە بىلدۈرگەن نارازىلىقى دۇنيا مەتبۇئاتىدا...

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرگەن نارازىلىقى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

1937201
ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيەگە بىلدۈرگەن نارازىلىقى دۇنيا مەتبۇئاتىدا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دانىيەلىك ئاشقۇن ئوڭچىل «قاتتىق يۆنىلىش پارتىيەسى» رەھبىرى راسمۇس پالۇداننىڭ قۇرئان كەرىمگە قىلغان ھۇجۇمى مۇناسۋىتى بىلەن شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرگەن نارازىلىقى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

شىۋېتسىيەدە چىقىدىغان «ئافتونبلادېت» گېزىتى ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىنى باش تېما قىلدى؛  خەۋەردە، ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور پائۇل لېۋىننىڭ «قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇم سەۋر قاچىسىنى تاشۇرۇۋەتكەن ئەڭ ئاخىرقى تامچە بولدى» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

شىۋېتسىيەنىڭ «سۋېنسكا داگبلادېت» گېزىتىمۇ شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنىڭ قوللاشقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، فىنلاندىيەنىڭ شىۋېتسىيەدىن مۇستەقىل ھالدا ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى يازدى.

مەركىزى لوندونغا جايلاشقان رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىمۇ ئەردوغاننىڭ باياناتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنگىلىيەنىڭ BBC، فىرانسىيەنىڭ Ouest France، قاتارنىڭ ئەلجەزىرە قاناللىرىمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيەنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكادا چىقىدىغان ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ نارازىلىقىنى «پالۇداننىڭ نامايىشىغا يول قويۇشنىڭ ئاقىۋىتى» دېگەن تېما ئاستىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

پالۇداننىڭ قۇرئان كەرىمگە قىلغان قەبىھ ھۇجۇمىدى كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ناتو مەسىلىسىدە بىزنىڭ ھېچقانداق ياردىمىمىزگە ئېرىشەلمەيسىلەر. ئەلچىخانىمىز ئالدىدا بۇنداق نومۇسسىزلارچە قىلمىشنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغانلار، ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى مەسىلىسىدە بىزدىن خەيرخاھلىق قىلىشىمىزنى كۈتمەسلىكى كېرەك» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر