رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى سەپلەرگە ئەسكەر سەپلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي ئەمەلدارى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە ئونمىڭلىغان يېڭى ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەمما بۇ يېڭى ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئۈسكۈنە ۋە مەشىق جەھەتتە يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
1937206

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي ئەمەلدارى، 24-فېۋرالدىن (2022) بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى كرېمىننا بازىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئازراق بولسىمۇ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.