پارىژدا ناۋايلار كوچىلارنى تولدۇردى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ناۋايلار ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلدى.

1937098
پارىژدا ناۋايلار كوچىلارنى تولدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا مىڭغا يېقىن كىشى دۆلەت مەيدانىغا يىغىلىپ، ئىقتىساد مىنىستىرلىقى بىناسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئەئەنىۋى (باگېت) بولكىلىرىنى ۋە «ھۈنەرۋەنلەر پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمى ئاستىدا»، «ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ناۋايلارنى شاللىدى»، «(باگېتىمغا) بولكامغا قول ئۇزارتما!» «ناۋايلار خەتەر ئىچىدە» دەپ فىرانسۇزچە يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ شوئارلارنى توۋلىدى ۋە  ئېنېرگىيەگە يۇقىرى باھا چېكى قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئاندىن نامايىشچىلار ئىقتىساد مىنىستىرلىقىغا يېقىن جايدا ئولتۇرۇپ نامايىش قىلدى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە كىرىزىسى سەۋەبىدىن يۇقىرى توك تالونلىرىغا دۇچ كەلگەن ناۋايلارغا ئىلگىرى ئېلان قىلغان تالون ياردىمىدىن باشقا يەنە، باج ۋە ئىستىراخۇانىيە بەدىلى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش خىزمىتىنىمۇ باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

باش مىنىستىر ئېلىزابېت بورنې ناۋايلارنىڭ نەق پۇل تۆلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن باج ۋە ئىستراخۇانىيە ھەققى تۆلەشتىن باشقا يەنە، بۇ يىللىق تۇنجى توك پۇلىنى يىل بويى ئايغا بۆلۈپ تۆلىشى ئۈچۈن خىزمەت باشلىغانلىقىنمۇ بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر