لاۋروۋ: ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش غەربنىڭ رۇسىيەگە قارشى ھەقىقىي ئۇرۇشىغا ئايلاندى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئەمدىلىكتە ئادەتتىكى ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ رۇسىيەگە قارشى ھەقىقىي ئۇرۇشىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1936880
لاۋروۋ: ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش غەربنىڭ رۇسىيەگە قارشى ھەقىقىي ئۇرۇشىغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ جەنۇبىي ئافرىقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نالېدى پاندور بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

لاۋروۋ ئامېرىكانىڭ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغان باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، شۇنىڭدەك ئەنگلىيەنىڭمۇ تەھدىت ۋە بېسىم ئارقىلىق بارلىق قىزىل سىزىقلاردىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: «ئۇلارمىڭ يىللىق بۈيۈك مەدەنىيەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىپ، بۇ خەلقلەرنىڭ مىللىي غۇرۇرلىرى بارلىقىغا سەل قارىماقتا» دېدى.

لاۋروۋ ئۇكرائىنادا 24-فېۋرالدىن (2023) بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا رۇسىيەگە چېتىشلىق تىلدىن مەدەنىيەتكىچە بارلىق نەرسىلەرنى يوقىتىش نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۇكرائىنادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا، بۇنىڭ ئەمدىلىكتە ئادەتتىكى ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇزۇندىن بۇيان تەييارلىق قىلغان ھەقىقىي ئۇرۇشىغا ئايلانغانلىقىنى سۆزلەۋاتقان بولىمىز» دېدى.  

لاۋروۋ تىنچلىق ئورنىتىش شوئارى بىلەن سايلانغان ئۇكرائىنانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ۋە ھازىرقى پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ سايلانغاندىن كېيىنلا ئۇرۇشنىڭ ۋە رۇسىيە دۈشمەنلىكىنىڭ پىرېزىدېنتلىرىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر