رۇسىيە قىسىملىرى زاپورىژياغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى

رۇسىيە قىسىملىرى يېقىندىن بۇيان توقۇنۇشلار توختاپ جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرۈۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ زاپورىژيا رايونىدىكى ئىككى بازارغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى.

1936408
رۇسىيە قىسىملىرى زاپورىژياغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇس ئەمەلدار ۋىلادىمىر روگوۋ دۆلىتىنىڭ «رىئا» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كونتروللۇقىدىكى زاپورىژيانىڭ جەنۇبىدىن تەخمىنەن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئورىخېۋ بىلەن ئۇنىڭ شەرقىدىكى خۇلائىپولىغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئالدىنقى سەپتە ھەرىكەتلىنىش بار؛ بولۇپمۇ ئورىخېۋ ۋە خۇلائىپولىدىن ئىبارەت ئىككى يۆنىلىشتە ھەرىكەتلىنىش بار» دېگەن روگوۋ، بۇ رايونلاردا شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

موسكۋا بۇ رايوننىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايوننى كونتروللۇقىغا ئالغان بولسىمۇ، ئاساسلىق شەھەر زاپورىژيا بىلەن ئۇنىڭ شىمالىي قىسىملىرى تېخى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمىدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 2022 - يىلى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر