رۇسىيە موسكۋا رايونىدا ھاۋا مۇداپىئە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى موسكۋا رايونىدا S-300 سىستېمىسى بىلەن ھاۋا مۇداپىئە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
1936161
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، موسكۋا رايونىدا غەربىي ھەربىي رايون قىسىملىرى بىلەن ھاۋا مۇداپىئە مەشىقى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا مانېۋىرنىڭ ھەربىي، سانائەت ۋە مەمۇرىي ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى چېكىندرۈش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكى، مانېۋىر دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ساختا ھۇجۇملارنىڭ S-300 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا، مانېۋىرغا 150 دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.