ئارگېنتىنادا 6.4 بال يەر تەۋرىدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئارگېنتىنادا 6.4 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى.

1935964
ئارگېنتىنادا 6.4 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى، يەر تەۋرەشنىڭ سانتىياگو دېل ئېستېرو شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 116 كىلومېتىر يىراقلىقتا ۋە دېڭىز يۈزىدىن 589 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش چىلىنىڭ ئارىكا، پارىناكوتا، تاراپاكا ۋە ئانتوفاگاستا رايونلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن، ئەمما ھازىرغىچە ئادەم  ئۆلۈش ئەھۋالى ۋە ماددىي زىيان كۆرۈلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر