ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى كىيېۋنى زىيارەت قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى پايتەخت كىيېۋدا لىندسېي گراخام، رىچارد بىلۇمېنتخال ۋە شېلدون ۋايتخوسې قاتارلىق ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1935981
ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى كىيېۋنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا  پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا قارىغاندا، كىيېۋدا زىيارەتتە بولغان گراخام، بىلۇمېنتخال ۋە ۋايتخوسې قاتارلىق ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى زېلېنسكىي تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كىيېۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى برىگېت ئا.برىنكمۇ قاتناشقان ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، زېلېنىسكى ئامېرىكا ھەيئىتىگە، 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

زېلېنىسكى، دۆلىتىگە ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتقان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا يېڭى قورال – ياراغ ياردەم بېرىش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن زېلېنىسكى، «قورال - ياراغ ياردەم قىلىش پىلانى بىز ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ۋە ئوق-دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇنداق ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلىدە باشلامچى دۆلەتتۇر» دېگەن.

ئۇچرىشىشتا يەنە، رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۇكرائىناغا ھەربىي جەھەتتىن داۋاملىق ياردەم بېرىلىشى قاتارلىق  مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر