ئامېرىكا: ئۇكرائىنالىقلار ئۇرۇش قىلسىلا ئۇلارنى قوللايمىز

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلقىنىڭ (بەش بۇرجەكلىك بىنا، پېنتاگون) مۇئاۋىن باياناتچىسى سابرىنا سىنگى (Sabrina Singh) ئەگەر ئۇكرائىنا قىرىمدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارسا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى داۋاملىق قورال ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1935625
ئامېرىكا: ئۇكرائىنالىقلار ئۇرۇش قىلسىلا ئۇلارنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى سابرىنا سىنگى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋنىڭ ئامېرىكا تەمىنلىگەن قورال-ياراغلار بىلەن قىرىمغا ھەربىي ھەرىكەت باشلايدىغانلىقلىرى توغرىسىدىكى باياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، قىرىمنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئۇكرائىنالىقلارنىڭ قانداق ۋاستە ياكى قورال ئىشلىتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىشتا قوللايمىز. بۇنى باشتىن تارتىپ ئوچۇق بىلدۈرۈشتىن چېكىنىپ باقمىدۇق» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە قىرىمنى قايتۇرۇۋېلىش توغرىسىدا تاكتىكا ۋە مەسلىھەت بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا، «ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ھېچقانداق بېسىم قىلىنمىدى ۋە بۇ ئۇكرائىنانىڭ قارارى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«قىرىم ئۇكرائىنانىڭ زېمىنى. بىز بۇنى باشتىن-ئاخىر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەگەر ئۇلار قىرىمغا ھەربىي ھەرىكەت باشلاشنى قارار قىلسا، ئۇلار بۇ قارارنى ئۆز ئىچىدە قىلىدۇ. قىرىم 2014-يىلى رۇسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز ئىشغال قىلىۋېلىنغان ئۇكرائىنانىڭ بىر پارچىسى. ئۇكرائىنالىقلارنىڭ قىرىمنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار.»

ئۇ مۇخبىرنىڭ «قىرىمغا ھەربىي ھەرىكەت باشلانسا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە قورال بېرەمسىلەر-بەرمەمسىلەر؟» دېگەن سوئالغا، «قىرىمغا قىلىنىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۇكرائىنالىقلار ئۇرۇش قىلسىلا ئۇكرائىنانى قوللايمىز» دەپ جاۋاب بەردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر