ناتو: رۇسىيە باھاردا ئۇكرائىنادا يېڭى ھۇجۇم قوزغاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئادمىرال روب باۋيېر رۇسىيەنىڭ باھاردا ئۇكرائىناغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1935550
ناتو: رۇسىيە باھاردا ئۇكرائىنادا يېڭى ھۇجۇم قوزغاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى روب باۋيېر تۈركىيەگە ۋەكالىتەن باش ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر قاتناشقان ناتو باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

باۋيېر رۇسىيەنىڭ يېڭى ھۇجۇم قوزغاش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانى بار، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىز جەزىملەشتۈرەلەيدىغان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە، ئەمما پەرەزلەرگە ئاساسەن شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ئەگەر رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى ئۆزگەرتمىسە، باھار پەسلىدە يېڭى ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، رۇسىيەنىڭ پىلانىمۇ دەل شۇنداق. شۇڭا، ئۇكرائىنالىقلار بۇنىڭغا پۇختا تەييارلىق قىلىشى كېرەك.»

رۇسىيە ئارمىيەسى 2022 – يىلى 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر