مىچوتاكىس: تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يوق

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىئاكوس مىچوتاكىس تۈركىيە بىلەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يوق، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1935471
مىچوتاكىس: تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىچوتاكىس، ژۇرنالىست فارىد زەكەرىييانىڭ، «<مېئس ئارىلى> غا مۇناسىۋەتلىك خەتەرنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش يۈز بېرىپ بەرمەيدىغانلىقى» غا دائىر سوئالىغا، «بىز تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلمايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىنىڭ «ئەگە دېڭىزى» ۋە «شەرقىي ئاقدېڭىز» نى باشقۇرۇش ھوقۇقى ساھەلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيە بىلەن ئەقىللىق چوڭلارغا ئوخشاش سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاساسلىق مەسىلىمىزنى ھەل قىلالىشىمىز كېرەك.»

مىچوتاكىس، يېقىندا ھەم گىرېتسىيە ھەم تۈركىيەدە سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مېنىڭچە، جىددىيچىلىكلەرنى ئازايتىش، ئورتاق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدە خىزمەت ئىشلەش، ئىختىلاپلىرىمىز كۆرۈلگەندە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنىڭ تۈرلۈك چارە - تەدبىرلىرى بار» دېدى.

ئۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «گەرچە بىز ناھايىتى مۈشكۈل ۋاقىتلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولساقمۇ، يەنىلا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش قىيىن ئەمەس، دەپ قارايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر