پېرۇدا نامايىشچىلار ساقچى پونكىتىغا ۋە سوت بىناسىغا ئوت قويۇپ بەردى

پېرۇدا پىرېزىدېنت دىنا بولۇۋارتېنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 53 كە چىقتى.

1935034
پېرۇدا نامايىشچىلار ساقچى پونكىتىغا ۋە سوت بىناسىغا ئوت قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۇنىڭ كارابايا ئىشتاتىغا قاراشلىق ماكۇسانى رايونىنىڭ دوختۇرى ئۋان فېرناندېز نامايىشلاردا يۈز بەرگەن ھەر خىل زوراۋانلىقلاردا ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، نامايىشچىلار ساقچى پونكىتىغا ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ بىناسىغا ئوت قويۇپ بەردى.

ماكۇسانى ساقچىلىرى ئوت قويۇپ بېرىلگەن ساقچى پونكىتىدىن ساقچىلارنىڭ تىك ئۇچار بىلەن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پېرۇدا ھۆكۈمەتكە قارشى داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا 11-دېكابىردىن (2022) بۇيان جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 53 كە چىقتى، يارىلانغانلار سانى 700 دىن ئاشتى.

ئەسكەرتىلىشىچە، نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغان 53 كىشىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە 42 كىشى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بىۋاستە باستۇرۇشى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان.

پېرۇ پىرېزىدېنتى دىنا بولۇۋارتې 10-يانۋار (2023) نامايىشچىلارنى يەنە بىر قېتىم دىيالوگقا چاقىرىپ، نامايىشلارنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پېرۇدىكى نامايىشلار سابىق پىرېزىدېنت پېدرو كاستىللونىڭ 7-دېكابىر (2022) كونگرە تەرىپىدىن ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى بىلەن پارتلىغان ئىدى.

پېدرو كاستىللو كونگرە تەرىپىدىن «ئەخلاقىي جەھەتتىن يېتەرسىزلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ھوقۇقىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى. بۇنىڭغا، «ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش»، «دۆلەت ھوقۇقىنىڭ ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش» ۋە «ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش» دەلىل قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پېدرو كاستىللو كونگرەنى تارقىتىۋېتىشنى ۋە دۆلەتتە جىددىي ھالەت ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ مۇئاۋىنى دىنا بولۋارتې پىرېزىدېنتلىققا تەيىنلەنگەن ئىدى.

پېرۇ ئالىي سوتى پېدرو كاستىللونى 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە بۇنىڭغا قىلىنغان نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر