پېنتاگون: تۈركىيە دۇنيادا مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) باياناتچىسى پاترىك رىيدېر (Patrick Ryder): «تۈركىيە رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىمۇ مۇھىم شېرىك دۆلەت» دېدى.

1934309
پېنتاگون: تۈركىيە دۇنيادا مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پاترىك رىيدېر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەگە «F-16» ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش قارارى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ «بۇ ئېھتىماللىق ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىدە قانچىلىك مۇھىم» دېگەن سوئالغا، «قارار كونگرەنىڭ ئۈستىلىدە قاراپ چىقىلىش ئۈچۈن تۇرۇۋاتىدۇ. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە كەلسەك، ھەر دائىم تۈركىيەنىڭ مۇھىم شېرىك ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى دەۋاتىمىز. شۇڭا، تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بۇ مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزئارا مۇداپىئە ئېھتىياجلىرىمىزنىڭ دىققەتكە ئېلىنغانلىقىدىن خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە <F-16> ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىشى بىلەن گىرېتسىيەگە <F-35> ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش پىلانى بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىكمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوئالغا، «بۇ مەسىلىلەر بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئامېرىكانىڭ ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ «بەزى كونگرە ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەگە <F-16> سېتىپ بېرىشكە قارشى چىققانلىقىنى خاتىرىلىگىنىمىزدە، پېنتاگون مەزكۇر مەسىلىدە كونگرەگە تەۋسىيەلەردە بولامدۇ، يوق؟» دېگەن سوئالغا، «بۇ كونگرە قارار قىلىدىغان مەسىلە. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى دېيەلمەيمەن. شۇنى تەكرارلىماقچىمەن، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ناتوغا ئەزا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر. تۈركىيە رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىمۇ مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت» دەپ جاۋاب بەردى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر