كىيېۋدا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئۆلدى

ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دېنىس موناستىرسكىي پايتەخت كىيېۋغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلدى.

1934455
كىيېۋدا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە، ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دېنىس موناستىرسكىيدىن سىرت يەنە، ئۇنىڭ ياردەمچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 كىشىمۇ جېنىدىن ئايرىلغان، 15 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 29 كىشى يارىلانغان بولۇپ، تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر