شويگۇ ئۇكرائىنادىكى رۇسىيە قىسىملىرىنى تەكشۈردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھەربىي قىسىملارنى تەكشۈردى.

1933681
شويگۇ ئۇكرائىنادىكى رۇسىيە قىسىملىرىنى تەكشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ ئۇكرائىنادىكى «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» جەريانىدا، «شەرق» ھەربىي قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنى تەكشۈرگەن، ھەمدە قوماندان لېيتېنانت گېنېرال رۇستەم مۇرادوۋدىن ئۇرۇشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلىگەن.

ھەربىي قىسىملارنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق كۈچەيتىش ۋە ئۇلارنىڭ ساھەلەردە بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىش مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن شويگۇ، يەنە ساغلاملىق مەسىلىسى ۋە ئالدىنقى سەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىمۇ كۆزدىن كەچۈرگەن.

رۇسىيە ئارمىيەسى 2022 – يىلى 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا قارشى ئىشغال ئۇرۇشىنى قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر