يەمەندە خۇسىيلار ئومان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن مۇزاكىرلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار ئومان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن مۇزاكىرەلەرنى ماسقاتتا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1933169
يەمەندە خۇسىيلار ئومان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن مۇزاكىرلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ھاكىمىيەتنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يېڭىلاش ئۈچۈن پايتەخت مەسقاتتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئومان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئىجابىي ۋە ئەستايىدىل مۇزاكىرەلەردە بولغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

خۇسىيلارنىڭ مۇزاكىرە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋە باياناتچىسى مۇھەممەد ئابدۇسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرى، خۇسىيلارغا تەۋە «ئەل-مىسىرا» تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلدى.

ئابدۇسسالام ئومان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن يەمەننى مۇقىملىققا ئىگە قىلىدىغان، ئەتراپلىق ۋە ئادىل تىنچلىققا ئاساس يارىتىدىغان، ھۇجۇم ۋە قورشاۋنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلار ھەققىدە سەمىمىي ھەمدە ئىجابىي مۇزاكىرەلەردە بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئابدۇسسالام خۇسىيلار ھەيئىتىنىڭ ئومان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن مەسقاتقا بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇزاكىرەلەرنىڭ شۇ يەردە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر