گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستىن لامغىيت (Christine Lambrecht) خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى.

1933476
گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرىستىن لامغىيت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىش قارارىنى باش مىنىستىر ئولاف شولزغا يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «تاراتقۇلارنىڭ بىر قانچە ئايدىن بۇيان دىققىتىنى ماڭا مەركەزلەشتۈرۈشى، ھەربىيلەر، قوراللىق قىسىملار ۋە گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان بىخەتەرلىك سىياسەت قارارلىرى ھەققىدە ئوبيېكتىپ خەۋەرلەرنىڭ ئىشلىنىشىگە، شۇنداقلا مۇنازىرە قىلىنىشىغا ئانچە رۇخسەت قىلمايدۇ. ھەربىيلەر ۋە ئارمىيەدىكى نۇرغۇن ئاكتىپ كىشىلەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. بۇب سەۋەبتىن خىزمىتىمدىن ئىستېپا بەردىم» دېدى.

كرىستىن لامغىيت ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

2021-يىلى 12-ئايدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان لامغىيت تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلار زىيارىتىنىڭ بىرىدە، ئۆزىنىڭ ئارمىيە ئىچىدىكى ھوقۇق-دەرىجىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشى ۋە 2022-يىلى 24-فېۋرالدىكى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇكرائىناغا 5000 ھەربىي قالپاق ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى.

لامغىيتنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ ھەربىي تىك ئۇچار بىلەن ئەسكەرلەرنى زىيارەت قىلىشى ۋە ئوغلىنىڭ تىك ئۇچاردا تارتىلغان سۈرىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىشىمۇ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى. لامغىيت نەچچە ئايدىن كېيىن بۇ سۈرەتلەرنى ئۆزىنىڭ تارتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

يېڭى يىل ھارپىسىدا ئېتىلغان ساليوتلارنىڭ ئاۋازى بىلەن يېڭى يىلنى تەبرىكلەپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىشىمۇ، تەنقىدلەرگە سەۋەب بولغان ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەر لامغىيتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر