جو بايدىننىڭ ئۆيىدىن يەنە 5 «مەخپىي» ھۆججەت تېپىلدى

ئاقساراي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ دېلاۋارېدىكى ئۆيىدىن يەنە 5 «مەخپىي» ھۆججەتنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1932791
جو بايدىننىڭ ئۆيىدىن يەنە 5 «مەخپىي» ھۆججەت تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىننىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان رىچارد ساۋبېر چارشەنبە كۈنىدىن بېرى پىرېزىدېنت بايدىننىڭ دىپلوماتىيە مەركىزىدە ۋە دىلاۋارېدىكى تۇرالغۇسىدا تېپىلغان ھۆججەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك جەرياننى خۇلاسىلاپ بايانات ئېلان قىلدى.

رىچارد ساۋبېر ئىككى جايدا قولغا چۈشۈرۈلگەن «مەخپىي» دەپ يېزىلغان ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دۆلەتلىك ئارخىپ ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ماسلىشىۋاتقانلىقىنى، پەيشەنبە كۈنى بايدىننىڭ ۋىلمىڭتوندىكى تۇرالغۇسىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن مەخپىي ھۆججەتنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە بارغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىچىدە «مەخپىي» دەپ يېزىلغان يەنە 5 ھۆججەتنى تاپقانلىقىنى ئېيتتى.

رىچارد ساۋبېر ھۆججەتلەرنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ھەمبەھىرلىدى.

بايدىننىڭ مەسلىھەتچىسى باياناتىدا يەنە، ئاقساراينىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى تەيىنلىگەن ئالاھىدە ھۇقۇقلۇق مۇپەتتىشى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رىچارد ساۋبېر 9 - يانۋاردىكى باياناتىدا، بايدىننىڭ پېن بايدىن مەركىزىدىكى خۇسۇسىي ئىشخانىسىدا 2 - نويابىردا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدىن قالغان ۋە بەزى مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز ساندىكى ھۆججەتلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

رىچارد ساۋبېر بۇ ھۆججەتلەرنىڭ  قۇلۇپلانغان بىر ئىشكاپتا تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆججەتلەر تېپىلغان ھامان بايدىننىڭ شەخسىي ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئاقساراي ۋە دۆلەت ئارخىپىغا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

بايدىن ئىشخانىدىن مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ «ھەيران قالغانلىقى» نى ئېيتقان ۋە ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى  بىلدۈرگەن ئىدى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى 2022 - يىلى 8 - ئاۋغۇستتا پالما ساھىلىدىكى ترامپنىڭ مار-لاگو سارىيىنى ئاختۇرغاندىن كېيىن، پىرېزىدېنت بايدىن مەخپىي ھۆججەت تېپىلغانلىقىغا قارىتا، «بىر ئادەم قانداقمۇ بۇنچە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلالايدۇ؟» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

تىرامپنى بۇ مەسىلىدە تەنقىد قىلغان بايدىننىڭمۇ تۇرالغۇسىدىن مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ تېپىلىشىغا قارىتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پىرېزىدېنت بايدىنغا قارشى تەنقىدلەرنى بولىشىغا كۈچەيتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر