بېلگىيە ماراكەشلىك ئىمامنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

ئىلگىرى فىرانسىيە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ئالغاندىن كېيىن، بېلگىيەگە قېچىپ كەتكەن ماراكەشلىك ئىمام ھەسەن ئىكيۇسسېن بىريۇسسېل ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

1932823
بېلگىيە ماراكەشلىك ئىمامنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەسەن ئىكيۇسسېن ماراكەشكە سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن بېلگىيەنىڭ پاناھلىنىش ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى نىكول دې مور يازما بايانات ئېلان قىلدى.

نىكول دې مور ئاشقۇنلۇقنى قوللايدىغان كشىلەرنىڭ بېلگىيە زېمىنىدا ئايلىنىپ يۈرۈشىگە يول قويۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ يەردە تۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان ھەممەيلەن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەك» دېدى ۋە بۇ مەسىلىدە فىرانسىيە بىلەن ياخشى ھەمكارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ماراكەشلىك ئىمام ھەسەن ئىكيۇسسېن بولسا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردە كاسابلانكا ئايرودورومىدا ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغانلىقىنى ۋە ماراكەش دائىرىلىرىنىڭمۇ ئۆزىنى ياخشى قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماراكەش دائىرىلىرى ھەسەن ئىكيۇسسېننىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا قارىتا ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلەرگە قارىتا تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن 28 - ئىيۇل تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا، «ماراكەشلىك ئىمام فرانسىيەنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا، سېكۇلارىزم ۋە ئەر ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك پىرىنسىپلىرىغا  زىت سۆزلەرنى قىلدى. شۇڭا فىرانسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ» دېگەن ئىدى.

پارىژدىكى مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى 5 - ئاۋغۇستتا مىنىستىر گېرالد دارمانىننىڭ ھەسەن ئىكيۇئۇسسېننى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش تەلىپىنى ۋاقتىنچە توڭلىتىشنى قارار قىلغان ئىدى.

فىرانسىيە دۆلەت كېڭىشى 30 - ئاۋغۇستتا مەمۇرىي سوتنىڭ بۇ قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ماراكەشلىك ئىمامنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا  يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن ئىدى.

ھەسەن ئىكيۇئۇسسېننىڭ فىرانسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىدىن كېيىن، بېلگىيەگە قېچىپ كەتكەنلىكى ۋە سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا بېلگىيەدە نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر